خىتاي قۇرئاننى كۇڭزى ئىديىسى بىلەن شەرھىلەشنى بازارغا سالماقتا
Blog post description.


غەرب دۆلەتلىرىدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىغا قارىتا ئىسلام دۇنياسىدىن نارازىلىق سادالىرى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشى، قۇرئانغا قىلىۋاتقان ئوچۇق-ئاشكارە ھاقارىتى نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» بىرلىكتە «شىنجاڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟» تېمىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا 20 دىن ئارتۇق دىنىي زات، دىن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىپ، ئىسلام دىنىنى قانداق قىلىپ سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ھەققىدە چالۋاقاشقان. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاندا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىزم بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى قانداق شەرھلەشتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.