خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئەسىرلىك ئاپەت

Blog post description.

8/3/20231 min read

خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بېيجىڭدا يېقىنقى كۈنلەردە نۇرغۇن خىتايلارنىڭ جېنىنى ئالغان ۋە مال-مۈلۈككە زور زىيان سالغان يامغۇر ئاپىتىنىڭ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يامغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئېلان قىلغان باياناتتا، قاتتىق يامغۇردا چاڭپىڭدىكى ۋاڭجيايۈەن سۇ ئامبىرىدىكى يامغۇر مىقدارىنىڭ 744.8 مىللىمېتىرغا يەتكەنلىكى، 1891-يىلى خىتايدا قەيت قىلىنغان 609 مىللىمېتىرلىق ھۆل-يېغىن رېكورتنى تۇنجى قېتىم بۇزۇپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان. خىتاي رېجىمى ھەرخىل سىنلاردا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئېغىر كەلكۈن ئېلىپ كەلگەن تالاپەتنى بولسا يەنىلا يوشۇرۇپ، بېيجىڭدا 11 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 27 خىتاينىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايىلەنگەن.