خىتاي پاكىستاندا ئۇيغۇر تور چولپانلىرىنى ئىشقا سېلىپ « شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە
Blog post description.


خىتاي پاكىستان بىلەن ھەمكارلىق نامىدا يېڭى يوچۇق ئىزدەشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا، پاكىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك تەشۋىقاتىغا، ئەڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ بەرمەكتە. « مەن خىتاي، راھەت» دەپ، ئوردۇ تىلىدا سۆزلەۋاتقان بۇ ئايال، ھازىر گاھىدا ئەتلەس كۆڭلەك، گاھىدا پاكىستان مىللىي كىيىمىنى كىيگەن ھالەتتە، بەزىدە ھەتتا خىتايچە قىياپەتتە، پاكىستاندىكى يەرلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، يۇتۇبى قانىلىدا، ھەتتا فېيىسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى «خىتاي چولپان» دەيدۇ. ئۇ پاكىستان يەرلىك سەنئەت رادىيو - تېلېۋىزىيەلىرىدە ئوردۇچە ناخشا ئېيتىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ تېخى يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا لەڭمەن، سامبوسا، گۆشنان ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك تائاملارنى بىر قوللۇق تەييارلاپ كۆرسىتىپ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر تائاملارنى ئوردۇ تىلىدا، پاكىستان تاماشىبىنلىرىغا « خىتاي تاماقلىرى» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.