خىتاي مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ مەخپىي ھالدا رۇسىيەگە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ساتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
Blog post description.


خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە مەخپىي ھالدا نۇرغۇن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ساتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. Politico تورىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شىركەتلىرى يۈز مىليونلىغان ئوق ئۆتمەس جىلىتكە، قالپاق، شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تېرمو نىشانلىغۇچ قاتارلىقلارنى ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئارقىلىق رۇسىيەگە ساتقان. تەتقىقات نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ بۇ يىل خىتايدىن 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىمپورت قىلغانلىقى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ 30 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئوق ئۆتمەس جىلىتكىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ساپال بۇيۇملارنىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورتى بۇ يىل %69 ئېشىپ، 225 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ئوخشاش ماتېرىيالنىڭ ئۇكرائىناغا ئېكىسپورت قىلىنىشى %61 تۆۋەنلەپ، 5 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان.