خىتاي كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتىنى قوزغىدى
Blog post description.


خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى» بىخەتەرلىك ئىشخانىسى 30-ئىيۇن بىرلەشمە سىن يىغىنى چاقىرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياز پەسىللىك قاتتىق زەربە بېرىش ۋە تازىلاش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىندا بەزى رايونلاردا «100 كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتى» نامىدا ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاتالمىش تېرورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش نامىدا ئاقلاپ كەلگەن ئىدى.