خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنى ئوغرىلىغان

Blog post description.

7/21/20231 min read

خىتاينىڭ «بوران -0558» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخبارات توپلاش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس بىلەن شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى دانىيال ج. كرىتېنبرىنكنىڭ ئېلېكترونلۇق خەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئېلان قىلىندى. س ن ن نىڭ بۇ تېمىغا يېقىن مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، تىلغا ئېلىنغان ۋەقەنىڭ «ئامېرىكىدىكى ئورگانلارنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنى نىشان قىلغان تور ھۇجۇمى» دائىرىسىدە ئىكەنلىكى، مىكروسوفت ۋە ئاقساراينىڭ خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.