خىتاي جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن چەتئەل دىپلوماتلىرىنى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
Blog post description.


خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دومىنىكا، بىرما، ئىران، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە يەنە نىكاراگۇئا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلەردىن 25 كىشىلىك ئۆمەك تەشكىللەپ، 31-ئىيۇلدىن 3-ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەرگە تەشۋىقات تارقىتىدىغان CGTN قاتارلىقلار ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان بۇ دىپلوماتلار ئۆمىكىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا نەق مەيداندا شاھىت بولغانلىقى» نى، «شىنجاڭدىكى كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ» دېگەنلىرىنى خەۋەر قىلىشتى. گەرچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمەكلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللايدىغانلىقىدەك ئورتاقلىققا ئىگە.