خىتاي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە باڭلادىشقا بولغان ئاممىۋى دىپلوماتىك پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن

Blog post description.

7/25/20231 min read

خىتاي ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بىردىن بىر دۆلەت بولغان باڭلادىشقا ئاممىۋى دىپلوماتىك پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن. باڭلادىش تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-ئىيۇل كۈنى باڭلادىشنىڭ 10 كىشىلىك بىر مۇخبىرلار ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باڭلادىش مۇخبىرلىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىشتىن ئىلگىرى، باڭلادىشلىق ئۆلىمالار 14-ئىيۇل كۈنى باڭلادىشنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى كوكس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارشى تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.