خىتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى چەكلەش سىياسىىتنى ئىنكار قىلدى

Blog post description.

7/11/20231 min read

خىتاي مۇتەخەسسىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 53-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش جىنايىتىنى يەنە ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» خىتاي تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى خىتاي تىل فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دېڭكې 3-ئىيۇل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 53-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق پائالىيەتتە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون، ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ تىللىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان. ھالبۇكى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.