خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن

Blog post description.

7/20/20231 min read

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەتچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىگە قارشى ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى «شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىش» ھەرىكىتى دەپ جار سالغان بولۇپ، دائىرىلەر غەرب ئەللىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»: «قانۇنىي مېخانىزم ئارقىلىق تەنقىدكە قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تاشقى كۈچلەر بىلەن ئاكتىپ كۈرەش قىلىمىز» دەپ ئېلان قىلغان.