خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

Blog post description.

8/8/20231 min read

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، تاجاۋۇزچى خىتاي داۋاملىق يېڭى تىياتىرلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقماقتا. خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، ۋەيران بولغان ئائىلىلەر ۋە ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرزەنتلەرگە بولغان دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن، تەشۋىقات فىلىملىرىدە ئۇيغۇر ياش قىز-ئاياللىرىنى باش رول قىلىپ چىقارماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان، تاماق ئېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆپ تارقىتىپ، ئۇيغۇرلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندەك بىر مەنزىرە ياراتماقتا.