خىتاي: ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قۇرئاننى قانداق شەرھلەشكە باغلىق
Blog post description.


خىتاي 30-ئىيۇل «شىنجاڭ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەك؟» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتايلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر يىغىننى خىتاي مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى» مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، ئاتالمىش «ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»نىڭ رەئىسى ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز سۆز قىلىپ: «يېڭى دەۋردە شىنجاڭدىكى دىنىي ساھەدىكى كىشىلەر ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زور گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.