خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۇسسۇل بايرىمى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى
Blog post description.


خىتاي ئاتالمىش «6-نۆۋەتلىك خىتاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى»نى 20-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇندى. شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول بويىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، گۈزەل شىنجاڭدا جەم بولايلى» ناملىق بۇ پائالىيەتنى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، خىتاي مەركىزىي ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ئۇسسۇل بايرىمى 20-ئىيۇل كەچتە ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا باشلانغان بولۇپ، 5-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن.