خىتاي ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەر كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

Blog post description.

8/17/20231 min read

خىتايدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتكە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى قەرز مەسىلىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشكە باشلىدى. مەركىزىي بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا قارشى كۇرسى داۋاملىق چۈشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۆتكەن ئاي ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى توغرىسىدىكى ستاتىستىكىنى ئورتاقلاشمىدى. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان % 21.3 لىك سەۋىيىگە يەتكەن خىتايدا، «ئەمگەك كۈچى ستاتىستىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاش توختىتىلدى.