خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئاستىلىش يۈزلىنىشى داۋاملاشماقتا
Blog post description.


خىتايدا 7-ئايدىكى كۆرسەتكۈچلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت ئىقتىسادى خىتاي ۋىرۇسى يۇقىمىدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە داۋاملىق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىشى 7-ئايدىكى مۆلچەردىن تۆۋەن بولغان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى % 3.7 ئېشىپ، ئىقتىسادشۇناسلار مۆلچەرلىگەن% 4.4 تىن تۆۋەن بولغان. پارچە سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 2.5 ئاشقان، 7-ئايدىكى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 688 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولسىمۇ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن تۆۋەن بولغان.