خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان

Blog post description.

8/28/20231 min read

ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ 930 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنىتلىرى بولغان LinkedIn تورى ئارقىلىق، مىڭلىغان ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى زور مىقداردا پۇل ياكى پايدا ئالىدىغان سودا تەكلىپلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، «روبىن جاڭ» ئىسىملىك بىر ​​خىتاي ئىستىخبارات ئەمەلدارى ساختا ئاكسىيە شىركىتى ۋە تور بېكەت قۇرۇپ، لوندوندىكى داڭلىق ئىلمىي ئورگانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان. ئۇ ساختا كىملىك ​​ۋە شىركەت ئارقىلىق، ئەنگلىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى، مەمۇرلار، ئاكادېمىكلار ۋە مەخپىي سانلىق مەلۇمات ۋە سودا ساھەسىدە سەزگۈر تېخنىكىغا ئېرىشەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان.