خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى قولغا ئېلىنغان
Blog post description.


خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىنى تويۇقسىز زىيارەت قىلىشىدىن كېيىنلا، خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى سۈي ماۋخۇ زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى سۈي ماۋخۇ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قانۇنلىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئىشخانىسىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ۋە كۆپ مىقداردا پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.