خىتاي «دۆلەت بىخەتەرلىكى» نى باھانە قىلىپ بەزى مېتاللارنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويدى
Blog gönderi açıklaması.


خىتاي دائىرىلىرى ئۆزەك ۋە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان گالىلې ۋە گېرمانىي مېتاللىرىنىڭ ئېكسپورتىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتنى قوغداش» نى باھانە قىلىپ چەكلىدى. چەكلىمىگە ئاساسەن، بۇ مېتاللار ئېكىسپورت قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەستىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ چەكلىمە 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ ئىككى ئېلېمېنتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان خىتاي دۇنيادىكى گاللىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 95%، گېرمانىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ% 67 نى ئىگىلەيدىكەن.