خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇرچە چىراينى پەرقلەندۈرۈش» سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ داۋاملىق ئىشلەتكەن

Blog post description.

7/31/20231 min read

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولغان كۆزىتىش كامېرالىرى، بولۇپمۇ خەيكاڭ شىۋېي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كامېرالارغا 2019-يىلىدىن بۇيان «چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى» نىڭ سەپلىنىشى ھەرقايسى ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن بۇ شىركەت ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى سەپلەشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. ھالبۇكى پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى IPVM تەتقىقات مەركىزى يېقىندا قولغا چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى توختام ھۆججەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىلدىكى چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى داۋاملىق قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن