خىتاي بېيجىڭدىن بىۋاسىتە خوتەنگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى

Blog post description.

7/30/20231 min read

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن بىۋاسىتە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى. خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ CA9661 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 25-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، خوتەندىكى خىتاي يېقىندا ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن ئاتالمىش «كۈنگاڭ» ئايرودۇرۇمىغا قونغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە قوش يۆنىلىشتە بەش نۆۋەتچى ئايروپىلان بىۋاسىتە قاتنايدىكەن. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن خوتەنگە بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى جايدا ئايروپىلان ئالمىشىپ ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىغان ھالەتتىن بەش سائەتكە قىسقىرايدىكەن.