خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلدۇرماقچى
Blog post description.


خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىل تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.