خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

Blog post description.

8/3/20231 min read

خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا «بۈركۈت قالقىنى-2023» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتلەر ئالدىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمغانلىقىنى بىلدۈردى.