كىسسىنگېر بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تۇيۇقسىز كۆرۈشتى

Blog post description.

7/19/20231 min read

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق دىپلوماتى ھېنرى كىسسىنگېر تۇيۇقسىز بېيجىڭدا پەيدا بولۇپ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشتى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، كىسسىنگېرنىڭ خىتاينىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ۋە «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئالاقىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاينى يېرىم يولدا قويۇشى بىلەن بوزۇلغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ زىيارەت كىسسىنگېرنىڭ 52 يىل ئىلگىرى خىتايغا قىلغان مەخپىي زىيارىتىنىڭ خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەن.