كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلدى

Blog post description.

9/1/20231 min read

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئىلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇلار 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە قىلغان سۆزى رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.