كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن جەم بولدى

Blog post description.

7/20/20231 min read

كانادا پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن سامىر زۇبەرى 18-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرىگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى. سامىر زۇبەرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سامىر زۇبەرىدىن سىرت، كانادا پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ئارنولد ۋېئىرسېن ۋە پارلامېنتنىڭ كيۇبېك گۇرۇپپىسىدىن بولغان ئەزاسى ئاندرېين لارۇش خانىمدىن تەشكىل تاپقان 3 كىشى، ۋاشىنگتونغا قىلغان بىر ھەپتىلىك خىزمەت زىيارىتى ئەسناسىدا 19-ئىيۇل ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشقان.