كانادا نايكنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە

Blog post description.

7/13/20231 min read

كانادانىڭ ئەخلاقنى نازارەت قىلىش ئورگىنى «نايك كانادا» ۋە بىر ئالتۇن قېزىش شىركىتىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئورتاق ئەرزىدىن كېيىن مەزكۇر ئورگان تەكشۈرۈشكە ئۆتكەن. ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرى ۋە باشقا نۇرغۇن دوكلاتلار نايك قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.