كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاشكارىلاندى
Blog post description.


مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. كامبرىج ئۇنۋېرسىتىتى ئىلغار فوتونكا ۋە ئېلېكترون مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئورگىنى بولغان خىتاي ئاۋىئاتسىيە-پەن-تېخنىكا شىركىتىنى شېرىكلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ ھەپتىلىك مەشىق پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ھەمكارلىق ئۈچۈن خىتاي ئالەم قاتنىشى شىركىتىدىن 2 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇۋالغان