كامىلە ۋاھىتنىڭ قەشقەردىكى بىر ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى
Blog post description.


19 ياشلىق ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنى تۇتقۇن قىلغان خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، كامىلە ۋاھىتنىڭ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان. خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كامىلە ۋاھىت ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىگەنلىكى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەن.