جاللات شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى
Blog post description.


خىتاي دىكتاتورى شى جىنپىڭ خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قاتتىق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىگىلنىشچە، شى جىنپىڭ شەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە سۆز قىلىپ، ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى، ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش»نى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى ، ئۇ بۇنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.شى جىنپىڭ سۆزىدە، نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتالغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى»نى دۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.