گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى
Blog post description.


13-ئىيۇل كۈنى بېرلىندىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» نىڭ ساھىپخانلىقى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك خانىم، گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان. 13-ئىيۇل كۈنى سائەت 12:00 دىن 13:15 گە قەدەر داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان تور ئارقىلىق قاتناشقان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گېرمانىيەنىڭ بۇ قېتىملىق «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن. گېرمانىيەنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسىدە ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ بارلىق ئىنسانلارغا تالىق ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە، بىز كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ھۆرمەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تېرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇمىز، بۇ كونكىرېت ھادىسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى. بۇ ھەقتە ب د ت مۇ دوكلات ئېلان قىلدى. تىبەتنىڭ ۋەزىيىتى، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتى، ئېتنىك ۋە دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشقان.»