گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

Blog post description.

9/7/20231 min read

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار بۈگۈن گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىقىش د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇن يىللىق پىلانلىرى تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان بىر تۈر ئىكەن. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ گۇرۇپپىغا يۇقىرى باھالار بەرگەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ گۇرۇپپا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى تېخى كۈچلۈك ئىجرا قىلىشى بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.