گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات
Blog post description.


ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسىلەر ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ياكى تور بەتلىرىدە مەخسۇس بايانات ئىلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئىلان قىلىپ، خىتايدىن گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن يېڭىدىن رەفاھ پارتىيىسى، ئىيى پارتىيە ۋە كېلەچەك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئىلان قىلدى. ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنس 11-سېنتەبىر كۈنى تىۋېتتر، يەنى ھازىرقى X دا ئۇچۇر يوللاپ، گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.