فرانسىيە مىنىستىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش «خام خىيال»
Blog post description.


فرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۇنو لې مايىر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «مۇناسىۋەتنى بۇزۇش» ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ «خام خىيال» ئىكەنلىكىنى، لېكىن «خەتەرنى ئازايتىش» ئۇقۇمىنىڭ خىتاينىڭ «تەھدىد پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن» دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك خىتاي-فرانسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان لې مايىر خىتاي-فرانسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا فرانسىيەنىڭ خىتاي بازىرىغا ئاسان ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، تەڭپۇڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن فرانسىيەنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.