فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
Blog post description.


فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرى غەربىي رايون قوماندانى مۇئاۋىن ئادمىرال ئالبېرتو كارلوس جەنۇبىي دېڭىزغا يىغىلغان خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. كارلوس تۈنۈگۈنگە قەدەر، بۇ دۆلەتنىڭ «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ ئاتايدىغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا تەخمىنەن 40 خىتاي بېلىقچىلىق پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.