ئۆزبېكىستاندا سوۋېت تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان باسماچىلار ئاقلاندى
Blog post description.


ئۆزبېكىستان ئالىي سوتى 1920-يىلدىن 1930-يىلغىچە روسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە قارشى كەسكىن جەڭ قىلغان باسماچى يەنى ئاقىنجىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن 240 ئادەمنى ئاقلىدى. 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئالىي سوت كۆپىنچىسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، بەزىلىرى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئاقلاپ ھۆكۈم چىقاردى. بۇ ئاخىرقى قارار بىلەن باسمىچى ھەرىكىتىگە قاتناشقان جەمئىي 856 كىشىنىڭ شەرىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.