ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىشغال قىلغان خىتايلاردىن يەنە بىر رەزىللىك

Blog post description.

7/21/20231 min read

خىتاي ئىشغالچى ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «قوشماق ئائىلە» سىياسىتى نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي كادىرلىرىنى نازارەتكە قويۇشى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت يېقىندا ھەمبەھىرلىگەن بىر سىندا، خىتايلارنىڭ كىچىك ياشتىكى ئۇيغۇر قىزىغا ھاراق تەڭلەپ مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىش بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان بولۇپ، پەسكەش خىتايلار نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالىغۇدەك ياشتا بولمىغان ئۇيغۇر قىزنىڭ ھالىتىنى ئاممىۋى تاراتقۇلارغا يوللىغان.