«ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدۇ ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ»
Blog post description.


ۋاشنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس گېرمانىيە تاراتقۇلىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ گىرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلى ناھەق تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە كېيىنچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاتتى ۋە گېرمانىيە سىياسىئونلىرىغا چاقىرىق قىلدى.