ئۇيغۇرلار ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى

Blog post description.

9/16/20231 min read

سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ب د ت بىناسى ئالدىدا ئىلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى دېيىشكە بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گاس-گاچا جىمجىتلىقى ۋە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە خىيانەت بولۇپلا قالماي، يەنە كوللىكتىپ ئىنسانىي ۋىجدانىمىزنىڭ پاراكەندىچىلىكىدۇر». سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان باياناتتا:« 2014-يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جازا لاگېرلىرى، تۈرمىلەر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشى بىلەن داۋاملاشتى» دېيىلدى.