ئۇيغۇر ياشلىرى ۋېنادا دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەندى
Blog post description.


ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىپلوماتىيە، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلغان بولۇپ، تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەۋلان دىلشات، ئاۋسترىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى گۇدرۇن كۇگلەر خانىم، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى مارتا بىسمان خانىم، ۋېنا يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى سۇئەيىپ ئاقپىنار، ئامېرىكانىڭ ۋېنا ئەلچىخانىسى خادىملىرى، ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاۋسترىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسى مەسئۇللىرى، ئاۋسترىيە ئىسلام تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسى مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.