ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى

Blog post description.

7/14/20231 min read

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھامىد قاراخان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئاق پارتىيە ۋە ئىيى پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىرگە، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بۇ ھەقتە بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنغان.