«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ب د ت نىڭ خىتاينى قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىلىق دوكلات سۇنغان

Blog post description.

7/25/20231 min read

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 45-قېتىملىق يىغىنى خىتاينىڭ 4-قېتىملىق قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانى مەركەز قىلغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تەپسىلىي دوكلات سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا سادىر قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى شەرھلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سادىر قىلىۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت دەلىللەر سۇنۇلغان.