ئۇيغۇر ھەرىكىتى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئىلان قىلدى

Blog post description.

9/1/20231 min read

خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى. بىر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىدىن ئېشىپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىغان مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش جىنايىتىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسى 2010-يىلى بىر قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 30-ئاۋغۇستنى «خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستاندا ج ك پ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدى ۋە ئادالەت تەلەپ قىلدى.