ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخس» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى
Blog post description.


بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىللىق «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخس» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ تىزىملىك ساغلاملىق، كىلىمات، سودا، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە قەد كۆتۈرۈۋاتقان شەخسلەرنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنى يېڭى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلىگەن ئالىملار، سىياسەتچىلەر، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى، سەنئەتكارلار، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى قاتارلىق ھەرساھەدىن شەخسلەر كىرگۈزۈلگەنىكەن. «دەۋر» ژۇرنىلى ئارفىيەنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئارفىيەنىڭ ياپونىيە سىياسەت ساھەسىدىكى «ياشانغان ئەرلەرنىڭ ھاكىمىيىتى» گە رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ياپونىيەدە تەخمىنەن 90% پارلامېنت ياكى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەر ئىگىلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياش. . . ئەمما ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەسلىدىن بولغان، 34 ياشلىق ئارفىيە ئېرى. . . . ياپونىيەدىكى كۆپ خىللىقنىڭ چېمپىيونىغا ئايلاندى».