ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەر خىل سۇپىلاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەشۋىق قىلدى
Blog gönderi açıklaması.


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن 30-ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ دېنخاگ شەھىرىدە «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كىنو مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، پروگرامما دېرىكتورى زۇمرەتاي ئەركىن ۋە گوللاندىيەدىكى خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرىرى گۇۋاھچىلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم يىغىنغا قاتناشقان.