ئۇيغۇر مەسىلىسى تەيۋەندە چاقىرىلغان خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى
Blog post description.


9-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلانغان. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، دىنىي زاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يوۋ سىكۇن ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ 150 كىشى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.