ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئىلان قىلىندى

Blog post description.

8/12/20231 min read

ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى تەتقىقات گورۇپپىسى ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا رول ئوينىغان ئورگانلار ھەققىدە تەييارلىغان يېڭى بىر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىي يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى دوكلات ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلات مەزكۇر تەتقىقات گورۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى دوكلاتى بولۇپ، بىرىنچى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچلىقى تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە بۇ جىنايەتنى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. بۇ يېڭى دوكلاتىدا بولسا، ئىرقى قىرغىنچلىقنىڭ ئىپادىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسەتلەر، مىخانىزىملار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلات خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقاتلىرى، دوكلاتلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسلىنىپ تەييارلانغان. يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى ھەر خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، مۇشۇ خىل دوكلاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ يالغانچلىقىغا رەددىيە بېرىشنىڭ مۇھىملىقنى تەكىتلىدى.