ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى «قارا قول» ئىسخېملاشتۇرۇلدى

Blog post description.

8/16/20231 min read

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشىدا، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلىشى بىرىنچى قەدەم بولغان بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل، خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى ۋە خادىملىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يېقىندا قۇرۇلغان« ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى» گۇرۇپپىسى مۇھاجىرەتتىكى بىر تۈركۈم كۆپ تىللىق ۋە سەۋىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇلار يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ سىستېما ۋە فۇنكسىيەسى ھەمدە نۇقتىلىق جاۋابكار –ئىجراچىلار ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ چىققان. دوكلاتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىسخېمىلاشتۇرۇلغان شەكىلدە تەپىلسىي بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمىدا، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمە-لاگېرلارغا قاماشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئىسخېما ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.