«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى
Blog post description.


ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى 13-ئىيۇل «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىدى. كومىتېتتىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 5-ئايدا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى رېچى توررىس تەرىپىدىن سۇنۇلغان. قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكانىڭ «2024-يىللىق ئىستىخبارات خامچوت قانۇنى» غا كىرگۈزۈلگەن.