ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلىق خىتايغا ئاقماقتا

Blog post description.

7/16/20231 min read

نېفىتكە باي دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكتە. بىلۇمبېرگ توپلىغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، دېڭىز قولتۇقى شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سېتىۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مىڭ پىرسەنت ئېشىپ، 5 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل بۇ خىل سودا سانى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ كۆپ سەۋىيەگە يەتكەن.