ئون ئىككى يېشىدا قۇرئان ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان بوۋاي تۈرمىدە قازا قىلغان
Blog post description.


ئۆتكەن ھەپتە تۋىتتېردا تارقالغان 71 ياشلىق مەھبۇس ئابدۇرۇسۇل مەمەتنىڭ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن «قۇرئان» ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 1952-يىلى تۇغۇلغان ۋە 65 يېشىدا كېسىۋېتىلگەن ئابدۇرۇسۇل مەمەت، تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىدا سالامەتلىكىدە مەسىلە يوق ئىكەن، ئۇ تۈرمىدە قان بېسىمى كېسىلى سەۋەبلىك جان ئۈزگەن. يېقىندا «شاھىت بىز» تورى تارقاتقان بىر تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، قەشقەردە بىر مەھبۇسنىڭ تۇتۇلۇشتىن 52 يىل بۇرۇن دادىسىدىن «قۇرئان» ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن 13 يىل 11 ئايلىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.